例:晨星博客欢迎您光临本站,如有问题请及时联系我。

0条留言

  • يامغۇر  جاۋاب

    ( ئوزۇتۇش )

    ئوزۇتۇش بەخىتلىك بولاي دېسەڭ باشقىلارغا بەخىت تىلەشنىمۇ بىل ، قاچاڭدىكى سۇ دوغ بوپ قالسا تۆكىۋەت ، شۇندىلا ھاياتىڭ ساپ ھەم بەخىتلىك بولغان بولىدۇ .
    قەدىرلىگەننى بىلمىگەنلەر ئەڭ قەدىرسىزلەردۇر . قەدىرسىز كىشىلەرلا قەدىرلىگەننى ھەم قەدىرلەشنى بىلمەيدۇ . قەدىرسىز كىشىلەرنى قەدىرلىشىڭ ، ئىشەكنى تۆرگە باشلىغانغا ئوخشايدۇ . تاكى سەن ئۇنى قەلىب خانەڭدىن چىقىرىۋەتمىگۈچە قەلبىڭ ئازار يەيدۇ ، قەدرىڭ پايخان بولىدۇ .
    شۇڭلاشقا قەدىرسىزلەرنى بالدۇرراق ئۆز ئورنىغا قوي ، مەيلىگە قويىۋەت ، ئۆز يايلىقىدا ئوتلىسۇن !

    —— يامغۇر

  • يامغۇر  جاۋاب

    بەخىت

    سىزگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلىدىغان ، سىزگە شەكسىز ئىشىنىدىغان ، سىزنى ساقلايدىغان ، سىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىڭىزغا سەرىتسىز بوي سۇنىدىغان ئىتائەتمەن ، مىھرىبان بىر ھەمراھىڭىز بولسا ، ئۇنداقتا سىز بەخىتلىك ئىكەنسىز !

    —— يامغۇر

  • يامغۇر  جاۋاب

    ھاياتلىقتىكى سىز

    ھېچكىم ئورنۇمنى ئالالمىسۇن دېسىڭىز ، ھېچكىم ئورنىڭىزنى تولدۇرالمايدىغان ئادەم بولۇڭ !

    —— يامغۇر

  • يامغۇر  جاۋاب

    تىكەن

    خوتۇنىنىڭ ئېغىزىدىكى ئۇششاق گەپ ئېرىنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلانغاندا دۇنياغا سوغۇقچىلىق چۈشىدۇ ، قان – قېرىنداش ، ئورۇق – تۇققان شۇنىڭدىن ياتلىشىدۇ .

    —— يامغۇر

  • يامغۇر  جاۋاب

    ھەقىقەت

    ئائىلىڭىز سىزنىڭ پۇل – مېلىڭىزغا ئەمەس بەلكى سىزنىڭ كۆيۈنىشىڭىزگە ، كۆڭۈل بۆلىشىڭىزگە بەكرەك ئىھتىياجلىق . ئاتا – ئانىڭىز ،قېرىنداشلىرىڭىز ۋە دوست – بۇرادەرلىرىڭىز ئۈچۈن بىرەر سائەت بولسىمۇ ۋاقتىڭىزنى چىقىرىڭ . ئۇلار بىلەن مۇڭدىشىڭ ، ئۇلارنىڭ قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلىڭ ، بەخىتلىك ئائىلىڭىزدىن ھوزۇرلىنىڭ .
    سىز تۇرمۇشنىڭ مەيلى خوشاللىق ياكى ئازاپلىرىنى باشتىن كەچۈرۈڭ ، بۇ دۇنيادا سىز ھەرگىز يالغۇز ئەمەس ھەم قىلغانلىرىڭىز بىھۇدىمۇ .ئەمەس !

  • يامغۇر  جاۋاب

    تۇرمۇش

    قولىڭىزدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياردەم قىلىڭ ، مىھرى – مۇھەببەتكە باي ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلىسىز .

    —— يامغۇر

  • يامغۇر  جاۋاب

    دۇنيا

    سەن بىراۋغا خۇلۇق ئەيلىسەڭ ، بىرسى ساڭا قۇۋلۇق ، زورلۇق بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ . مانا بۇ ساختا ھەقىقەت ، مانا بۇ دۇنيا .

    —— يامغۇر

  • يامغۇر  جاۋاب

    مۇھەببەت

    مۇھەببەت بولمىغان تىرىشچانلىق مەڭگۈ قىممەت يارىتالمايدۇ .

    —— يامغۇر

  • يامغۇر  جاۋاب

    قار لەيلىسىنىڭ سىرى

    مۇزلۇق تاغدا پورەكلەپ ئېچىلغان قارلەيلىسىنىڭ باغۇ بوستاندا نېمە ئۈچۈن ئېچىلمايدىغانلىقىغا ھەيران قالماڭ !
    چۈنكى ئۇ قارنىڭ سوغۇقىنى ياقتۇرىدۇ .

    —— يامغۇر

  • يامغۇر  جاۋاب

    قىش قۇياشى

    ئۆزى گۈزەل مىھرى سوغۇق كىشى ، ھەرقانچە نۇرلانسىمۇ تەپتى ئوچاقتىكى چوغچىلىك يوق

    —— يامغۇر

  • يامغۇر  جاۋاب

    يالغۇزلۇق

    مەن ئىچ – ئىچىمدىن ئاۋاز چىقىرىپ ۋارقىرىدىم ، بۇنىڭغا يانغىنى ماڭا جاۋابەن ئەكىس سادايىملا بولدى .

    مەن يول باشلاپ ئالدىدا ماڭدىم ، ماڭا ئەگەشكىنى پەقەت سايەملا بولدى .

    مەن يالغۇزلۇقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى شۇ چاغدىلا بىلدىم .

    —— يامغۇر

  • يامغۇر  جاۋاب

    ئىزدىنىش

    گۈزەللىك ۋەسلىگە يېتىش ئۈچۈن مەھلىيالىق دەرياسىدا تاھىردەك ئاقىمەن ، لېكىن مىنىڭ ئىزدەيدىغىنىم زۆھرەنىڭ ۋەسلى ئەمەس بەلكى ھايات ئېقىنىدا ئاز – ئازدىن ئۇچرايدىغان گۈزەللىكلەرنىڭ غايىۋىي مۇجەسسەملىكى .

    —— يامغۇر

  • يامغۇر  جاۋاب

    توغرا يول نىشان ، ئىرادە ، نەتىجە ھەممىنى بەلگىلەيدۇ .

    —— يامغۇر

  • يامغۇر  جاۋاب

    مىھرىنى ئايالىغا بەرمىگەن ئەر ئازاب بولسا ، مىھرىنى ئېرىگە بەرمىگەن ئايال ئاپەتتۇر .

    —— يامغۇر

  • يامغۇر  جاۋاب

    سېنىڭ سەن بولغىنىڭ ئۈچۈن ماڭا ئازاپ بەرسەڭ ، مېنىڭ مەن بولغىنىم ئۈچۈن ساڭا سۆيگۈ بېرىمەن . بۇ ئىككىمىزنىڭ پەرقىدۇر .

    —— يامغۇر

  • يامغۇر  جاۋاب

    تۇرمۇشنىڭ ئادەمنى قىينىشى بىرخىل ھوزۇر بولسا ، جاننىڭ جاننى قىينىشى ھەسرەتتۇر ، ھەسرەت ئۈستىگە ئازابتۇر .

    —— يامغۇر

  • يامغۇر  جاۋاب

    ئاتا – ئاناڭنى رازى قىلالمىغان مۇشەققەت ھاقارەتتۇر ، خورلۇقتۇر ، ئۆز – ئۆزىگە زۇلۇم قىلماقتۇر .

    —— يامغۇر

  • يامغۇر  جاۋاب

    قامائەت ئامەتتۇر ، ئەخلاقتىن ئايرىلغان قامەت بالدۇر كەلگەن قىيامەتتۇر .

    —— يامغۇر

  • يامغۇر  جاۋاب

    خاپا بولۇش باشقىلارنىڭ خاتالىقى بىلەن ئۆزىنى جازالىغانلىقتۇر .

    —— ھېكمەتلەر

  • يامغۇر  جاۋاب

    ياخشى چۈش كۆرۈش ئۈچۈن ، ياخشى ئۇخلاش كېرەك .

    —— يامغۇر

  • يامغۇر  جاۋاب

    سىياقىڭ سېنى ئەسلەتسە ، سىمايىڭ مىھرىڭنى ئەسلىتىدۇ .

    —— يامغۇر

  • يامغۇر  جاۋاب

    سۆزمەنلىك ئادەم ئۈچۈن زىننەت بولسا ، كەم سۆزلۈك بولسا پەزىلەتتۇر .

    —— ھېكمەتلەر

  • يامغۇر  جاۋاب

    بورۇنقى روھىي جاراھەتنى ياخشىلىق ئارقىلىق ساقايتىمەن دېيىش ، خۇددى قولاقنى ئىتىۋېلىپ قوڭغىراق ئوغرىلىغاندەك بىر ئىش .

    —— ماكياۋېللىي

  • يامغۇر  جاۋاب

    گۈللەرنىڭ پۇرىقى بىر – بىرىگە ئوخشىشى ناتايىن ، ھەر كىشىگە يېقىشىمۇ ھەم .
    —— يامغۇر

昵称*

邮箱*

网址