例:晨星博客欢迎您光临本站,如有问题请及时联系我。

بىز ھەققىدە

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم خۇش كەلدىڭىز
يامغۇر تامچىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ

يامغۇر ھېكمەتلىرى رەڭگا – رەڭ كەچمىشلەر بىلەن ، پىنھان ئىزلار بىلەن بىزەلمىگەن . ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان ،ئەقىللەرنى لال قىلىدىغان ئاجايىپ – غارايىباتلار سۆزلەنمىگەن بولسىمۇ ، بىراق ھايات جەريانىدا ئۇچراتقان بايقىغان كەمتۈكلۈكلەرگە ، ھايات مۇساپىسىدىكى تۇنجى ۋە تەكرار مەغلۇبىيەت ۋە مۇۋەپپەقىيەتلەردىن كېيىنكى يول سورىشىڭىزغا ياردەم بىرەلەيدۇ .
يامغۇر ھېكمەتلىرى سىزگە ۋاز كېچىشكە بولمايدىغان ، ۋاز كەچكىلىمۇ بولمايدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلدۇرۇپ ، يامغۇر تامچېلىرى بىلەن تەپەككۇر تۇيغۇڭىزنى بىخلاندۇرۇپ ، ھايات مۇساپىسىدە توغرا يول تاللاشنى ، ئىرادىسىدىن قەتئىي تەۋرەنمەسلىكنى ، تەۋرەنمەس كىشىلەر بىلەن يولداش بولۇشنى ئۆگۈتىدۇ .
يامغۇر ھېكمەتلىرى سىزگە نېمىنىڭ مىھرى – مۇھەببەت ، نېمىنىڭ غەزەپ – نەپرەت ئىكەنلىكىنى ، نېمىنىڭ ئىنسانىي قەدىر – قىممەت ، نېمىنىڭ ھاقارەت خورلۇق ئىكەنلىكىنى ، ئازاپ – ئوقۇبەت ، ھوزۇر – ھەسرەتلەرنى تەپەككۇر تىللىرى بىلەن سۆلەپ بىرىدۇ .
قەنى دوستۇم كېلىڭ ئەقىللەرنى نۇرلاندۇرۇپ ، كەلگۈسىگە چىراق بولىدىغان قىممەتلىك خاتىرىلىرىڭىزنى بۇ يەرگە قالدۇرۇڭ ، بىرلىكتە ھوزۇرلىنايلى !