例:晨星博客欢迎您光临本站,如有问题请及时联系我。

قەدەمگە دىققەت قىل پۇتۇڭغا مىخ كىرىدۇ سۆزۈڭگە دىققەت…

1777

قەدەمگە دىققەت قىل پۇتۇڭغا مىخ كىرىدۇ…سۆزۈڭگە دىققەت قىل بېشىڭغا بالا كىلىدۇ…. ئەتراپىڭدا چۆگلەپ يۈرگەن دۈشمەنلەرگە دىققەت قىل سىنى ئوتقا ئىتتىرىدۇ….. سەبىرنى ئۆزىڭگە ھەرۋاقىت ھەمرا قىل ساڭا ياخشىلىق ئېلىپ كېلىدۇ… دوستۇم دەپ دەرت تۆكمە بەزى دوستنىڭ تېشى ئاق ئىچى قارا…. كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىنى كەمسىتىدۇ…… قەددىڭنى تىك تۇت….. دۇنيادا ھىچكىم قەدىرسىز ئەمەس..سەن دىگەن جاھاندا بىرلا دۇنيانى كېزىپمۇ ئۆزۈڭگە قۇيۇپ قويغاندەك ئادەمدىن يەنە بىرنى تاپاممايسەن….. ‏‏ئۆز قىممىتىڭنى ئۆزەڭ قىل ، ئۆز سىرىڭنى ئۆزەڭ بىل ، ئۆزۈڭ يىغلاپ ئۆزۈڭ كۈل ـ نېمە بولدى ؟ دېيىشىدۇ. « ھېچنىمە، دەيسەن »تۈگەيدۇ
‏‏ ئەپۇچانلىقنى ئۆگىنىۋال، ئەپۇچانلىق كۆڭۈل غەشلىكىڭنى تۈگىتىدۇ. گۈزەللىكنى سۆيۈشنى ئۆگىنىۋال، گۈزەللىك ساڭا ئىشەنچ ئېلىپ كېلىدۇ. ‏تىرىشچانلىقنى ئۆگىنىۋال، تىرىشىش ئارقىلىق ئارزۇيۇڭ ھاسىل بولىدۇ. ‏ شۈكۈر – قانائەتنى ئۆگىنىۋال، شۈكۈر – قانائەت كۆز – قارنىڭنى توق قىلىدۇ. ياخشىلىقنى ئۆگىنىۋال،بىز بۇ دۇنياغا كېلىپ – كەتكۈچىدۇرمىز. ‏كۈلۈمسىرەشنى ئۆگىنىۋال، كۈلۈمسىرەش ئۆمرۈڭنى ئۇزارتىدۇ. ئاچچىقىڭنى بېسىۋېلىشنى ئۆگىنىۋال، ئاچچىقىنى بېسىۋېلىش سېنى بالا – قازادىن ساقلايدۇ. مېھرىبانلىقنى ئۆگىنىۋال، كىشىلەر سەندىن مەمنۇن بولسۇن. ‏ سۈكۈت قىلىشنى ئۆگىنىۋال، سۈكۈت قىلىش ساڭا ئامەت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

来源:本文由يامغۇر تامچېلىرى原创撰写,欢迎分享本文,转载请保留出处和链接!

抢沙发

昵称*

邮箱*

网址