例:晨星博客欢迎您光临本站,如有问题请及时联系我。

ئەزىز خوتەن، شېئىر ئاپتۇر،مۇساجان ئابدۇل،غۇلجا خوتەن گۈما چىرا…

1055

ئەزىز خوتەن، شېئىر
.
ئاپتۇر،مۇساجان ئابدۇل،غۇلجا
______
خوتەن گۈما چىرا دەپ سىنى،
ئاڭلاپ كەلدىم نامىڭنى مەنمۇ.
قەدەملىرىم يەتكەن بىر زامان،
ئەشۇ جەننەت گۈلزارى سەنمۇ؟
1
قارقاش دېگەن ئىسمىڭ ياراشقان،
خۇددى قىزلار قەلەم قىشىدەك.
كۆزتەگمىسۇن ئەي گۈزەل ماكان،
مىھرىڭ گويا خىزىر ئۆزىدەك.
2
تىپچەكلەيدۇ ئارزۇلار مەندە،
يەنە قويسام باغرىڭغا ئىزدەپ.
سوراپ باقاي تەمشىلىپ ساڭا،
تولارسەنمۇ؟ كىلە بالام دەپ.
3
لاسگۇيلاردىن كىسىپ ئۆتكەنمەن،
قارقاشلىرىڭغا قەدەم يەتكەندە.
قىيالماستىن كۆڭلۈم بۇزۇلغان،
ئەزىزخوتەن سەندىن كەتكەندە.
4
تىلى كۆيسۇن شۇنداق پەسلەرنىڭ،
سىنى ھەرخىل سۆزگە قاتقاندا.
سۆزى بولسا چىقمامدۇ قىنى،
ئىسىللىقتا سەندىن ئاشقاندا.
5
يالغان قوشسام مانا مەن ئۆلەي،
ياڭاقلىرىڭنى كىملەر يېمىگەن؟
دورگەر دەپ لوقمان ھەكىمنى،
دۇنيا زاتىدىن كىملەر بىلمىگەن؟
6
سۆزى پەسنىڭ كۆڭلى پەس بولار،
سىنى تىلغا قىتىپ كۈلگەننىڭ.
خوتەن دىسە مەنمۇ خوتەن دەپ،
مىڭنىڭ بىرى مەنمۇ سۆيگەننىڭ.
7
مىھمان دۇسلۇق ئەزەلدىن خەلقى،
تىلى كۆيسۇن ھەيتاڭ دېگەننىڭ.
بىرنى بىردەپ تۇرغىنى ھەق گەپ،
ئۆرپە ئادەت غەملەر يېگەننىڭ.
8
خوتەن دەيدۇ شۇڭا جاھاندا،
نەدە ئۇندۇن ئىككى بولغان بار.
ئوغلانى ئوت قىزلىرى ئۇزغۇ،
راسىتنى دېدىم نەدە يالغان بار.

خاتىرەمدىن،غۇلجا شەھرى

来源:本文由يامغۇر تامچېلىرى原创撰写,欢迎分享本文,转载请保留出处和链接!

抢沙发

昵称*

邮箱*

网址