例:晨星博客欢迎您光临本站,如有问题请及时联系我。

تاڭنۇر مانا بۇ شىنجاڭ ئ‍اپتورى خەيرۇللا قۇربان غۇلجا…

983

تاڭنۇر : مانا بۇ شىنجاڭ
ئ‍اپتورى : خەيرۇللا قۇربان

غۇلجا قاراماي مايتاغلىق ،
بار ئ‍ۇلاردا قانداشلىق ،
ئ‍ۈرۈمچىدىن ياتلاشساق ،
خوش بۇلارمۇ تۇرپانلىق ،

كورلا قەشقەر ئ‍اتۇشنىڭ ،
قېنىمىزدا ھىدى بار ،
چۆچەك قۇمۇل كۇچانىڭ ،
كەچمىشلىرى يادىكار ،

تەۋپىق لۇتپۇل ئ‍ا ئ‍ۆتكۈر ،
ئ‍ۈيغۇر ئ‍ۈچۈن جان بەرگەن .
بىزدىن ئ‍ۇلار ھەرگىزمۇ ،
يۇرۇتۋازلىقنى كۈتمىگەن .

ئ‍اقسۇ ئ‍التاي بورتالا ،
ھەممىسىدە دەرت تۇلا ،
ئ‍ازغانلارمۇ بىر كۈنى ،
ئ‍ادەم بولۇپ ئ‍وڭشىلا .

بىر ئ‍ادەمنىڭ ئ‍ىللىتى ،
ۋەكىل ئ‍ەمەس مىللەتكە ،
يۇرۇتۋازلىق قىلغانلار ،
مۇھتاج ئ‍ىكەن ئ‍ىبرەتكە .

ئ‍ىجىل ئ‍ىناق ئ‍ۆتەيلى ،
گۈزەل شىنجاڭ باللىرى ،
غەش قىلمىسۇن كۆڭۈلنى ،
يۇرۇتۋازلىقنىڭ چاڭلىرى .

تاڭنۇر

来源:本文由يامغۇر تامچېلىرى原创撰写,欢迎分享本文,转载请保留出处和链接!

抢沙发

昵称*

邮箱*

网址