例:晨星博客欢迎您光临本站,如有问题请及时联系我。

مەڭگۈلۈك ئاشىق … مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق» ……

مەڭگۈلۈك ئاشىق

مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»

دىلبىرىم يولۇڭدا ساقلىدىم ئۇزاق،
مىڭ ئۆلۈپ تىرىلدىم كەلمىدىڭ بىراق.
قىينىدىڭ سۆيگۈدە يۈرەكنى قەۋەت،
ھىجرانى ئوتۇڭدا چەكتۈرۈپ پىراق.

مۇھەببەت ۋىسالىڭ دەشتېدە يالغۇز،
ئېچىرقاپ مەڭگۈلۈك كۈتىمەن چىداپ.
كېلىسەن بىر كۈنى كۆرىسەن چوقۇم،
پىغاندا ئاھ ئۇرۇپ يېزىلغان كىتاب.

بەتلىرىم قولۇڭدا ئۆرۈلگەن ھامان،
بىلىسەن ھالىمنى شېئىردىن سوراپ.
يېتىسەن قەدرىمگە يېشىڭنى تۆكۈپ،
بارىسەن قەبرەمگە ھىدىمنى پۇراپ.

2015-8-23

来源:本文由يامغۇر تامچېلىرى原创撰写,欢迎分享本文,转载请保留出处和链接!

抢沙发

昵称*

邮箱*

网址